06/05/2026
ئىمانى سالامەت ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن! 🤲
خىيانەت
ئۇيغۇر داۋا سېپىنى قاپلاپ كەتتى خىيانەت،
ئالدامچىلىق، كاززاپلىق، پارىخورلۇق جىنايەت.
نا ئەھلىلەر ئىش بېشى بولىۋالدى ئۇيغۇردا،
بىلسەڭ خەلقىم بۇ قىلمىش ئالامىتى قىيامەت.
ئەمەلدارلار ئۇيغۇرنى سېتىپ خەجلەپ ياشايدۇ،
پىكىر بەرسەك جاۋاپ يوق، لالمىلىرى قاۋايدۇ.
قاپقان قۇرۇپ ئۆزىگە قارشى پىكىر قىلغاننى،
تۆھمەت چاپلاپ«دائىش» دەپ يابانچىغا قامايدۇ.
بىرى دەيدۇ: ئۇيالماي خىتاي بىلەن ياشايمىز،
بىرى دەيدۇ ئاپتونۇم، بىز مۇستەقىل بولمايمىز..
بىرى دەيدۇ: تۇخۇمنى تاشقا ئۇرۇش نادانلىق،
يېتىپ يىغلاپ ھۆرلۈكنى ئاللاھتىنلا سورايمىز.
بىرى دەيدۇ: ھەركەتنىڭ تېخى ۋاقتى كەلمىدى،
ئىقتىسات يوق بىزلەردە بايلار تېخى بەرمىدى.
پىلانىڭنى سۆزلەپ باق ئاڭلاپ باقاي توغرىمۇ،
دەيدۇ: ئاڭلاپ بۇ پىلان قەتئىي توغرا كەلمىدى.
بىرى دەيدۇ: كىملىكنى يېقىنىمغا بېرىمەن،
تونۇمىغان كىشىگە نىچۈن ياردەم قىلىمەن.
توغرا مېنىڭ قىلمىشىم دەلىلىم بار قۇرئاندىن،
چۈنكى ئۆزەم «مەۋلىۋى» مەن ھەممىنى بىلىمەن.
بىر توپ قاششاق ئىشلىمەي يالاق يالاپ ياشايدۇ،
بۇيرۇق بەرسە غوجىسى توختىماستىن قاۋايدۇ.
ئۇيالمايدۇ ئىشىدىن، زوقلۇنۇپ قىلمىشىدىن،
بۇيرۇق كەلسە چىشلە دەپ: شۇئان بېرىپ تالايدۇ.
ياتار ئۇلار چوڭىنىڭ ئىشىكىدە لالمىدەك،
ھاجەتتىن سوڭ ئىشلىتىپ تاشلىۋەتكەن چالمىدەك.
نەپ كەلمەيدۇ ئۇلاردىن ئەل- ۋەتەنگە زەررىچە،
تىڭ - تىڭلاايدۇ ئۇيغۇرنى كاماردىكى سالمىدەك.
ئوڭنى تەتۈر كۆرسىتىپ غوجىسىغا چاقىدۇ،
تاپان يالاپ ئەركىلەپ ئىشلىمەي جان باقىدۇ.
سۆڭەك بېرەر غوجىسى قاۋىغىنى ئۈچۈنلا،
خىيانەتكە خوشامەت خۇددى ياغدەك ياقىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن بۇ داۋا ھېچ ئىلگىرى باسمىدى،
خۇددى توكۇر ئېشەكتەك كۈندىن كۈنگە ئاقسىدى.
يۇرتتا خەلقىم زۇلۇمدىن قان يىغلايدۇ- زارلايدۇ،
قانخور خىتاي ئالدىدا يالۋۇرۇشلار ئاقمىدى.
يۇرتتا جەڭگە ئۈندىسەك تەلۋە دەيدۇ قورقاقلار،
ماڭاي دىسەڭ پۇتلايدۇ قۇرۇپ قاپقان- توزاقلار
يا ئۆزلىرى قىلمايدۇ، يا قىلسا قوللىمايدۇ،
ھارام بىلەن سەمرىگەن تويماس سامان قوساقلار.
ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر
2020-09-27